مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش)

2020.09.03 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا يامرىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەر بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك ۋە باشقىلارغا قارا چاپلاش دېگەندەك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ. دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. لېكىن، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، زوراۋانلىق بىەن دۆلەت باشقۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولسا، "خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا" دەيدىغان ئىدىيەنى قەتئىي تۈردە ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇقرالارنىڭ قەلبى ئۈچۈن، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش ۋە قەلبداش بولۇش پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدۇر، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسىدۇر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي تېز تەرەققىيات مۆجىزىسى ۋە ئىجتىمائىي ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىق مۆجىزىسىنى ياراتتى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان نەچچە مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. چەت ئەلدىكى بەزى پارتىيىدىكى زاتلار جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇۋەپپەقىيىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنىڭغا «بۇ ئىنسانىيەتتىكى بىر چوڭ مۆجىزىدۇر.» دەپ يۈكسەك باھا بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ