مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ ۋە ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2020.09.03 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە بولۇپ، ئۇ پارتىيە دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بىر دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە بولۇپ، ئۇ يۈز ياشلىق كۈنىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتغان، ھەمدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ھەمدە ئۇزاققىچە تىنچ بولىدىغان ۋە ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەكلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش بولسا، پارتىيەمىزنىڭ دەۋر تەرەققىيات ئېقىمى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئاساسەن چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىدۇر. ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر تىنچلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىنچلىق بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل ھالدا ئۆزىگە ئۆزىگە خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بېكىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى، دۇنياغا مەڭگۈ زومىگەر بولماسلىق ۋە مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىق توغرىسىدا تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا ئورتاق مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، پارتىيەمىز ئۇزاققىچە تىنچ دۇنيا قۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، دۆلەتلەر ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا كېڭىشىش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشتەك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمدە چوڭ دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇشماسلىق ۋە قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە نۆل يىغىندىلىق تاقابىللىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. پارتىيىمىز ئومۇميۈزلۈك ھالدىكى بىخەتەر دۇنيا قۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ، ئورتاق ۋە ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىق ۋە سىجىلچان بولغان يېڭىچە بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىر تۇتاش تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە ئادىللىقى ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلەر ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا خەۋپسىزلىكىنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن تۈزۈم جەھەتتە رىقابەتلەشمەيدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن ئىدېئولوگىيە جەھەتتە قارشىلاشمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ