مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى

يۈەن جياجۈن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى

2020.09.02 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشىدى. يولداش يۈەن جياجۈن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش چې جۈن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان بولدى.

  1-سېنتەبىر، جېجياڭ ئۆلكىسىدە رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى يولداش جياڭ شىنجى يىغىندا مەركەزنىڭ قارارىنى جاكارلاپ، بۇ قېتىمقى تەڭشەش − مەركەز ئومۇمىيلىقنى چىقىش قىلىپ، خىزمەت ئېھتىياجىغا ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئەتراپلىق ئويلىشىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق چىقارغان قارار، دېدى.

  يولداش يۈەن جياجۈن 1962-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭخۇا ناھىيەسىدىن. ئىلگىرى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغان، 2012- يىلى 3-ئايدىن كېيىن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەرقىي نىڭشيا ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بازىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، 2017- يىلى 7-ئايدا ئۆلكە باشلىقى بولغان. 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى.

  ئىگىلىنىشىچە، يولداش چې جۈن يېشى سەۋەبىدىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ