مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كوممۇنىستلارنىڭ يۈكسەك ئىستىكىنى ۋە زىممىسىگە ئالغان بۇرچىنى چۇڭقۇر چۈشىنىش لازىم (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش)

2020.08.25 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنىڭ ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلىشى ۋە توغرا يىغىنچاقلىنىشىدۇر. يېڭى دەۋردە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى شۇغۇللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

  خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يۈكسەك ئىنتىلىشىنىڭ مەركەزلىك يىغىنچاقلىنىشىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: "بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ۋە دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش ئۈچۈندۇر." 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدىكى كۈرەش مۇساپىسىدە، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ۋە دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ ئىدىيە پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىشلىرىنىڭ ئادىللىقىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇرچنى زىممىسىگە ئالىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، ھەمدە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭدىكى ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ نۇرى بارغانسېرى چېچىلىپ تۇردى.

  پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىپ كەلدى. ئەينى چاغلاردا خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 28 يىل قان كېچىپ، يېڭى ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، جۇڭگودىكى نەچچە مىڭ يىللىق فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا خاتىمە بېرىپ، ئۇنىڭدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ئىلگىرىلەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىنى تاماملاپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاپ ۋە تۈزۈم ئاساسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىشىشىغا خاتىمە بېرىپ، كېيىنچە يەنە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان ۋە داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ئۇلۇغ ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دېمەك، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر جاپالىق كۈرەش قىلىشى ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن بىللە بولغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ۋە مىللەت ئۈچۈن گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلەرنى ۋە يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ