مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ

پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق

2020.08.25 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق، پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ پارتىيەمىزنىڭ بىر ماركسىزملىق پارتىيە سۈپىتىدە باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان كۆرۈنەرلىك بەلگىسىدۇر. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ئۇنىڭ خەلق مەنپەئەتىدىن باشقا ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق، بۇنى ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىتى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دە روشەن ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: كوممۇنىستلار باشقا ئىشچىلار پارتىيەلىرى بىلەن قارىمۇقارشى بولغان ئالاھىدە پارتىيە ئەمەس. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل پىرولېتارىياتنىڭ مەنپەئەتىگە ئوخشىمايدىغان ھېچقانداق باشقا مەنپەئەتى يوق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»دە يەنە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: پارتىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا، ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق. پارتىيەمىز خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ياشايدۇ، شۇنداقلا خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

  پارتىيىمىز بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلۇق شەخسىي مەنپەئەتى بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى بولىدۇ، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. پارتىيەمىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئىزچىل ئېتىراپ قىلىپ قوغداپ كەلدى. مەسىلەن، پارتىيە نىزامنامىسىدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، دۆلەت قانۇنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ۋە ھەر ساھە-ھەر كەسىپتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئوخشاشلا قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيە نىزامنامىسىدىمۇ مۇنداق بەلگىلەنگەن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى مەڭگۈ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئادەتتىكى بىر ئەزاسىدۇر. قانۇن ۋە سىياسەتتە بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدىكى شەخسىي مەنپەئەت ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن باشقا، بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرقانداق شەخسىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازغا ئېرىشىشىگە يول قويۇلمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ قوشۇنى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قوشۇنىدۇر. بۇ پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، شەخسىي مەنپەئەتىنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيىمىز ئەزەلدىن پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتەك چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىرىكلەشكەنلەرنى قىلچە سەۋر-تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنىڭ يەنىلا ئومۇمنىڭ بولغان پېتىچە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغاندىلا، ئاندىن تۈپ مەنپەئەتنى كۆزلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، پارتىيەمىز ھەرگىز ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغاچقا، ئۇ باشتىن-ئاخىر خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ