مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقان قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلايلى

2020.08.25 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو ۋىراچلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنى بايراملىق تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، تېببىي خادىملار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك بىلەن باتۇرانە ئېلىشىپ، كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، زور تۆھپە قوشۇپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش، ئۆلۈمگە ئامال ۋە ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشتەك ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

  تارىخنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئۇرۇش مۇقەررەر ھالدا تارىخنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان سەھىپە قالدۇرىدۇ. كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، 80 ياشقا كىرگەن جۇڭ نەنشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئاشخانا ۋاگونىغا قىستىلىپ چىقىپ، ۋۇخەنگە باردى؛ 70 ياشلىق جاڭ بولى بولسا، ئۇنىڭغا ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىپ 3- كۈندىن كېيىن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى؛ جاڭ دىڭيۈ ئۆزى توڭلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئايالى يۇقۇم بىلەن يۇقۇملانغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا ۋىرۇس بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلدى؛ چېن ۋېي خەتەرلىك پەيتتە بۇيرۇق بىلەن قوشۇننى باشلاپ ۋۇخەنگە جىددىي يېتىپ بېرىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى. دۆلەت خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرىۋاتقاندا، ئۇلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى؛ جىددىي پەيتتە، ئۇلار قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ھاياتلىقنىڭ ئۈمىد مەشئىلىنى ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئېگىز كۆتۈردى.

  بۇ مۇساپىنى ئەسلىسەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۇرۇشىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكى ۋە ئاسان ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىر خىل يېپيېڭى ۋىرۇس بولۇپ، ئۇ ۋىرۇس مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن «ئەڭ ھىيلىگەر ۋىرۇس» دەپ ئاتالدى. بۇ «يېڭى تىپتىكى نامەلۇم ۋىرۇس» بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ قىيىنلىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى. ئەگەر مۇشۇ مەنىدىن چۈشەنسەك، جۇڭ نەنشەن، جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ، چېن ۋېي قاتارلىق «جەڭچىلەر»نىڭ ناچار ۋەزىيەتكە قارشى تەتۈر يۈرۈش قىلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى، بۇ نېمىدېگەن قورقماس جاسارەت، نېمىدېگەن باتۇرلۇق ۋە نېمىدېگەن يۈكسەك مەنزىل ئىكەنلىكى بىزگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ. دېمەك، ئۇلار يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانلىرى ۋە مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىشقا مۇناسىپتۇر!

  بىز يۇقۇمقا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە قاتناشقان ھەر بىر كىشىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

  ئەڭ ياخشى ھۆرمەت بولسا تىرىشىپ ئۇلارغا ئوخشاش ئادەم بولۇش. كۈرەش داۋامىدا تاۋلىنىش ۋە چېنىقىش داۋامىدا يۈكسىلىش، مانا مۇشۇنداق روھ، يەنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مەركەزلىك نامايەن قىلىنغان مۇشۇ جۇڭگو روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى تۇپرىقىنى بېيىتتى. بۈگۈن بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز، ھەمدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي ئۆتكەلگە قەدەم قويغان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە تۇرماقتىمىز. مۇشۇنداق بىر پەيت ۋە مۇشۇنداق بىر مەنىۋى بايلىق بىز ئۈچۈن بىزنىڭ داۋاملىق جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىمىزدىكى مۇھىم كۈچ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشىمىزدىكى مۇھىم مەنىۋى تىرەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ