مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسنى پۇختىلىغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ

2020.08.24 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: CBA توپچىلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە تاللىشىشقا قاتنىشىشىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىگە ۋە قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

  مۇسابىقە توختىتىلغاندىن كېيىنكىCBA (جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى)نىڭ قىزغىنلىقى يەنىلا پەسەيمىدى، كۇلۇبنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە بىرلەشمە مۇسابىقە ماھىرلىرىنى تاللاش دېگەندەك خادىملارنىڭ ئۆزگىرىش خەۋەرلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي تۇرۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  توپچىلار يۆتكىلىش ئارقىلىق ئوخشىمىغان كوماندىدا چېنىقىدۇ، يېڭى كۈچلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى بىرلەشمە مۇسابىقىگە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى، خادىملارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن توپ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ رەت تەرتىپى، توپ بازىرى، كۆرۈش نىسبىتى قاتارلىقلارغا بىر قاتار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كۇلۇب، توپچى ۋە توپخۇمارلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق.

  بىرلەشمە مۇسابىقە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، توپچى ۋەكىللىكىدىكى كەسىپكارلارنىڭ تولۇق يۆتكىلىشى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ كەسىپلىشىش ۋە بازارلىشىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، CBA خادىملىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە يېڭى ماھىرلارنى تاللاش مېخانىزمى تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرماقتا، ئۇنىڭ تولۇق بازارلىشىشى ئۈچۈن يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

  بۇ جۇڭگو ۋاسكېتبول زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ۋە توپچىلارنىڭ ئۆرلەش يولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت، 2020- يىللىق CBA نى تاللاش يىغىنىغا قاتناشقان توپچىلارنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭدا كۆپ خىل ئەندىزە تەڭ مەۋجۇت دېيىشكە بولىدۇ. بۇ توپچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قارىساق، بەزىلىرى تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى تەنتەربىيە مەكتىپىدىن تاللىنىدۇ، بەزىلىرى مائارىپ سىستېمىسىدىكى ۋاسكېتبول ئەنئەنىۋى تۈرى مەكتىپى ياكى ۋاسكېتبول ئالاھىدە مەكتىپىدىن چىقىدۇ، بەزىلىرى CBA كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە مەكتىپى، مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەنگەن.

  ھەر خىل شەكىللەرنىڭ ئۆز ئالدىغا شەكىللىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى بار، ھەم ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى ۋە خىرىسى بولىدۇ. جۇڭگو ۋاسكېتبول تەرەققىيات رايونى تەكشى بولمىغان، كەسىپلەشكەن بازار يېتەرلىك تەرەققىي قىلمىغان چاغدا، كۆپ خىل شەكىلدىكى ۋاسكېتبول ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە يەتكۈزۈش شەكلى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  نۆۋەتتىكى تاللاش يىغىنىغا ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ياش توپچىلار يىغىلدى، تاللاشقا قاتناشقان ۋە تاللانغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ كەسىپلىشىش ئىسلاھاتى مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يېڭى ماھىرلار كۇلۇبنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تاللىشى بىلەن خىزمەت توختامى ئىمزالىدى، بۇ ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ۋە يۆتكەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان بىر ئەمەلىيەت.

  بىراق، جۇڭگو ۋاسكېتبول زاپاس كۈچى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، ئاممىنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان تونۇشى ۋە سېلىنمىسىغا يەنە بىر جەريان كېتىدۇ. ۋاسكېتبول نوپۇسىنى كېڭەيتىش، ۋاسكېتبول ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاش يوللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش تۈر ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، بۇ سىستېما قۇرۇلۇشى يەنىلا ئىزدىنىۋاتىدۇ.

  بىز CBA توپچىلىرىنىڭ يۆتكىلىش ۋە تاللىشىغا يېتەرلىك دىققەت قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىگە ۋە قانداق ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى توپچىلار بولسا، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، شۇنداقلا جۇڭگو ۋاسكېتبولىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە سىجىل تەرەققىياتىنىڭ مەنبەسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ