مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى يېتىپ كەلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قانداق قىلىش كېرەك؟

___ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت

2020.08.20 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەك؟ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىشىدا قانداق تەلەپلەر بار؟ ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟ مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەنتەربىيە-سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ نوپۇزلۇق جاۋاب بەردى.

  كۈز ۋە قىش پەسلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يېڭى بەلگىلىمىسى بار

  سوئال: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قانداق يېڭى تەلەپلەر بار؟

  جاۋاب: كۈز ۋە قىش پەسلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى بىلەن ئوقۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئالدىنقى مەزگىلدە تۈزگەن ئالاقىدار تېخنىكا لايىھەلىرىنى تۈزىتىپ يېڭىلاپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈز، قىش پەسلىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسىنى بىرلىكتە بېسىپ تارقاتتى.

  ئەسلىي لايىھەدىكى «ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدىكى كارىۋاتلار قايتىدىن تەقسىم قىلىنىپ، تۇرىدىغانلارنى ئازايتىش ھەمدە ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرۇش»، «تاماق ئۈستىلى، ئورۇندۇقلىرى ئوخشاش تەرەپكە قارىتىلىپ، بىر كىشىگە يالغۇز كىشىلىك بىر ئورۇن بولۇش ھەمدە 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاش»، «ھەر بىر ياتاقتا تۇرىدىغان ئادەم سانى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالتە ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ياتاق كۆلىمى ئۈچ كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىق»، «ھەر بىر ئوقۇغۇچى (دەرس ئۈستىلى) نىڭ ئالدى-كەينى، ئوڭ-سول تەرىپىدە بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش» قاتارلىق قاتتىق ئايرىش شەرتلىرى يېڭىلانغان نۇسخىدىكى لايىھەدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، نورمال مائارىپ ئوقۇتۇش تەرتىپى ۋە ئوقۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىلانغان نۇسخىدىكى لايىھەدە مەكتەپنىڭ نۇقتىلىق رايونلىرىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، مەكتەپ دەرۋازىسىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشقا تېخىمۇ ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «مەكتەپ دەرۋازىسى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندە ساغلاملىق كودىنى تەكشۈرۈپ، مەكتەپكە كىرگەن خادىملارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش»، «ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايوندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەكتەپكە قايتقاندا، يېقىن بىر ھەپتە ئىچىدىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى مەكتەپكە كۆرسىتىشى كېرەك» قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلدى.

  مەكتەپكە قايتىش يولىدا ماسكا تاقاش، قىزىپ قۇرۇق يۆتەلگەندە چوقۇم دوكلات قىلىش كېرەك

  سوئال: مەكتەپتە ماسكا تاقاش كېرەكمۇ؟

  جاۋاب: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە قايتىش سەپىرىدە يېتەرلىك ماسكا، تېز قۇرۇيدىغان قولنى دېزىنفېكسىيەلىگۈچ قاتارلىق شەخسىي قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقىشى لازىم، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئۆلچىمى ياكى مۇھاپىزەت دەرىجىسىگە توشىدىغان بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى يېنىدا تەييارلاپ قويۇشى كېرەك، خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. بالىلار يەسلى ئاپپاراتلىرىدىكى مەزگىلىدە ماسكا تاقىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

  سوئال: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە قايتىشىدا قانداق تەلەپلەر بار؟

  جاۋاب: ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆز سالامەتلىكىنى كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلىشى، ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى ئۇدا 14 كۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە پائالىيىتىنى خاتىرىلىشى ھەمدە مەكتەپكە ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە قايتىش سەپىرىدە پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئەگەر، مەكتەپكە قايتىش يولىدا قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، پوتلا ئېقىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىش كېرەك، مەسىلەن، ئايروپىلان، پويىز قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا، پويىز خىزمەتچىسى قاتارلىق خىزمەتچى خادىملارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، سالامەتلىكىنى كۆزىتىش، يۇقۇم مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى مەكتەپكە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  سوئال: چېگرا سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىشىدا قانداق تەلەپلەر بار؟

  جاۋاب: چېگرا سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسا، بىردەك مەكتەپكە قايتمايدۇ، مەكتەپكە قايتقاندا ئالاقىدار تەلەپ بويىچە مەكتەپكە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىسپات ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىشى، چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن شۇ جاينىڭ بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ