مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: غەلىبىدىن ئىلھاملار ئېلىپ، تىنچلىق تەلىم-تەربىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاش لازىم

2020.08.17 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى، ياپونىيە تېننوسى خىروخىتو پۈتۈن ياپونىيىگە رادىئودا سۆز تارقىتىپ، پوتسدام ئاخباراتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرتسىز تەسلىم بولدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ 14 يىل جاپالىق كۈرەش قىلىشى ۋە مىليونلىغان كىشىنىڭ قان كېچىپ قۇربان بولۇشى نەتىجىسىدە، ئەڭ ئاخىرىدا يېقىنقى زاماندىن بۇيان تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق تولۇق غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلدى. تارىخنى ئەسلەپ، غەلىبىدىن ئىلھاملار ئېلىپ، تىنچلىقنىڭ پايدىسىنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەشتۇرگىلى بولىدۇ. ئۇ ئىلھاملارنىڭ بىرى بولسا، تارىخنى ئۇنۇتۇپ قالمىغاندا ئاندىن تارىخنى قوغدىغىلى بولىدىغانلىق، تارىخنى ئۇنتۇپ قالمىغاندا ئاندىن تىنچلىقنى قوغدىغىلى بولىدىغانلىقتىن ئىبارەت. تارىخقا قانداق مۇئامىلە قىلسا، شۇنداق كەلگۈسى بارلىققا كېلىدۇ. تارىخنى ئۇنتۇش، تارىخنى بۇرمىلاش، بۇ ھەرقانداق بىر قۇدرەتلىك دۆلەتتە ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىك ئىشتۇر.ئۇ ئىلھاملارنىڭ ئىككىنچىسى بولسا، خەلق تارىخنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانى ئىكەنلىك، خەلق يەنە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكتىن ئىبارەت. پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىلگىرى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇپ، «جۇڭگودا گەرچە كۈرمىڭلىغان ئادەم بولسىمۇ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە قۇمدەك چېچىلاڭغۇ» دەيدىغان سەپسەتە گەپلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىشى، ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ تولۇق غەلىبىسىنى تۇنجى قېتىم قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنىمۇ ئېچىپ بەردى، ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ خارابلىشىشتىن گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇشنى قولغا كەللتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولدى. بۈگۈن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق بىر مۇساپىدە، ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتى ئۇنىڭغا ئاتلىنىپ، مىليونلىغان خەلق ئورتاق كۈرەش قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.

  ئۇ ئىلھاملارنىڭ ئۈچىنچىسى بولسا، دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. قان ۋە كۆز ياشلىرىنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇنىڭ خەلقى ئۆتكۈنچى دۆلەتنىڭ ئازابىغا دۇچ كەلگەن جۇڭگونىڭ خەلقى بولسا ئەلۋەتتە كۈچلۈكلەرگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى ھەممىدىن بەك بىلىدۇ، ھەمدە تىنچلىقنى ۋە ھەققانىيەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشنى ئەڭ خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پويىزىغا چىقىشقا ئىلھام بېرىشتىن تارتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغىچە، بۈگۈنكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتتى. ئەسلىدە 70 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئوخشىمىغان تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلاشسا بولاتتى، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقادتىكى مىللەتلەر جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولسا بولاتتى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكى خەلق قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا بولاتتى.

   تارىخ ئەزەلدىن كىشىلەردىن يىراقلاپ كەتمەيدۇ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھى يەنىلا كىشىلەرنى يېڭى كۈرەشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئالغا، ئالغا، ئالغا! مانا بۇ جاراڭلىق شۇئار ئارقىلىق، ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ جۇڭگو روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ ھەيۋەتلىك جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق قىرغىقىغا يېتىپ بارالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ