مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم

ئائىلىلەردىكى ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم

2020.08.17 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا، ئائىلىلەردىكى ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئائىلە بولسا جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ھەمدە ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيەتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ۋە قەلبنى ئىللىتىشتەك ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن مول مەدەنىيەت ئوزۇقى ئېلىش كېرەك. جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنىۋى ئىستىكى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مول ئوزۇقلۇق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىغا ئۈن-تىنسىز ھالدا تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئائىلە تەربىيەسىگە رىئايە قىلىش، ئائىلە ئىستىلىنى توغرىلاش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. دۆلەت ۋە ئائىلىنى تەڭ شەكىللەندۈرۈشتەك ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ۋە بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن دۆلەت ۋە ئائىلىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ھېسسىياتى ۋە تەكشى ئىدارە قىلىش غايىسى، مانا بۇلار كىشىلىك ھاياتتىكى ئەقىل-پاراسەت ۋە ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق سۈپىتىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ قان تومۇرىغا سىڭدۈرۈلگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەنىۋى كۈچىگە ئايلاندى، ھەم شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ھەمدە ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مول مەدەنىيەت ئوزۇقىغا ئايلاندى. ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي يوسۇندا ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئۇنىڭدىن ئبنبرگىيە ئېلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى مول مەدەنىيەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئۇنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ھازىرقى زامان جۇڭگو روھىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت ئىستىكىدۇر. ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش قاتارلىق قىممەت ئىدىيەسى بولسا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چوقۇم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش ئارقىلىق، شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ، شەخس ۋە ئائىلىدىن باشلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئائىلە بولسا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىدۇر. ئالغا ئىنتىلىدىغان ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئائىلىنى ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيەسىنىڭ بىرىنچى سورۇنى قىلىش، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈش، بالىلارنى چوقۇم كىشىلىك ھاياتتىكى بىرىنچى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلەش، كىشىلىك ھاياتتىكى بىرىنچى پەلەمپەينى ياخشى بېسىشقا يېتەكلەش، بالىلارنى چوقۇم گۈزەل قەلبلىك كىشىلەر، ھەمدە دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش بولسا، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ