مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوشاشماسلىق، توختاپ قالماسلىق

ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2020.08.14 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچى بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يېڭى دەۋردە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى سىناقلار ئالدىدا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە قوشۇنى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پائال ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي تۈردە جازالىدى، ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولغاچقا، كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇشى شەرت. ئومۇمىي ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ، قەتئىي يول قويماسلىق ئىرادىسىدىن قىلچە تەۋرەنمەسلىك كېرەك، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى قىلچە ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك ۋە چىرىكلىشىشنى خالىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، بوشاشماسلىق، توختاپ قالماسلىق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ۋە ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈشنىڭ كاپالىتى، دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىدىكى مۇھىم تىرەك بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئۇللۇق ۋە كاپالەتلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نازارەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي مەسئۇلىيەت، بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى ئەمەلىي ئىشلەپ، نازارەت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە مۇكەممەل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  خەلقنى سۆيۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوغداشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پەقەت رەقەم بىلەنلا بولۇش ۋە نامراتلىقتىن يالغان قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئىچپەش تارتىپ ئېتىبار بېرىشتەك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ