ئېلىمىز يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىق 9-نومۇرلۇق 04 سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

چىڭخۇا ئىلمىي سۈنئىي ھەمراھى بىللە قويۇپ بېرىلدى

2020.08.07 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاۋغۇست سائەت 12 دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 2-ناملىق D توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىق 9- نومۇرلۇق 04 سۈنئىي ھەمراھى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلۈپ، قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە يەنە چىڭخۇا ئىلمىي سۈنئىي ھەمراھى بىللە قويۇپ بېرىلگەن.

  يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىق 9- نومۇرلۇق 04 سۈنئىي ھەمراھى ئوپتىكىلىق يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، يەر يۈزىدىكى تەسۋىر ئېلېمېنتىنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا مېتىردىن تۆۋەن دەرىجىگە يېتىدۇ، ئاساسلىقى دۆلەت زېمىنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، شەھەر پىلانلاش، يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، يول تورى لايىھەلەش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى مۆلچەرلەش ۋە ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۇچۇر كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بىللە قويۇپ بېرىلگەن چىڭخۇا ئىلمىي سۈنئىي ھەمراھىنى چىڭخۇا داشۆسى تەتقىق قىلىپ ياساشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئوربىتىدا ئېغىرلىق كۈچى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى لايىھەلەش ئۇسۇلى، قوش چاستوتىلىق GPS ئاساسىدىكى نازۇك ئوربىتا ئاتموسفېرا زىچلىقىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى قاتارلىق نەزەرىيە ۋە تېخنىكىلاردا ئۇچۇشنى دەلىللەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ