مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سودا مىنىستىرلىقى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى

2020.08.07 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، سودا مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت-سودا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىز مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت سودا كۆلىمى تۆۋەنلىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، مۇلازىمەت ئېكسپورتىنىڭ ئىپادىسى ئىمپورتنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى، سودا پاسسىپ بالانىسى ئازايدى، بىلىم تىپىدىكى مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆستى. 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 227 مىليارد 280 مىليون يۈەن (خەلق پۇلى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.7 پىرسەنت تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 912 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، %2.2 ئازايدى؛ ئىمپورت 1 تىرىليون 314 مىليارد 490 مىليون يۈەن بولۇپ، %21.7 ئازايدى. ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى:

  مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەتۈر پەرقى زور دەرىجىدە ئازايدى. 1-ئايدىن 6- ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئېكسپورتىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى مۇقىم بولدى، ئىمپورتنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى زورايدى، ئېكسپورتنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى ئىمپورتتىن 19.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەن بولدى، مۇلازىمەت سودىسى تەتۈر پەرقىنىڭ %46.1 تۆۋەنلەپ 401 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 344 مىليارد 10 مىليون يۈەن ئازايدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ