مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك مىكرو قەرز پۇل 1.97 تىرىليون يۈەن ئاشتى

2020.08.07 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان بۇ يىل 2-پەسىللىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇل يۆنىلىشى ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-پەسىلنىڭ ئاخىرىدا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو قەرز پۇل قالدۇقى 13.55 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان؛ ئالدىنقى يېرىم يىلدا 1.97 تىرىليون يۈەن قېتىم كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 753 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئارتۇق ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 2-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە قەرز پۇل بىر قەدەر تېز ئاشقان. ئىككىنچى پەسىلنىڭ ئاخىرى خەلق پۇلى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قەرز پۇل قالدۇقى 19.72 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان؛ ئالدىنقى يېرىم يىلدا 2.43 تىرىليون يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 937 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئارتۇق ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ