مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاشقىن مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى 13 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزدى

2020.08.07 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 5- ئاۋغۇستقا قەدەر، كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى 13 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشكە قاتناشقان، 154 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق كوماندىر-جەڭچى، 21 مىڭ (قېتىم) دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، 13 مىڭ (قېتىم) دىن ئارتۇق كېمە ئاجرىتىپ، خەتەرگە يولۇققان، قاپسىلىپ قالغان 38 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى قۇتقۇزغان، 109 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكىگەن، 1 مىليارد 550 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى مال-مۈلۈكنى قۇتقۇزغان ۋە قوغدىغان.

  ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 6- ئاۋغۇستتىن 8-ئاۋغۇستقىچە، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، خۇاڭخې- خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىسمى، جياڭخەننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە سىچۇەن ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا قارايامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئېغىر قارايامغۇر ياغىدىكەن. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 6-چېسلا كېڭىشىش ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مېتېئورولوگىيە، سۇچىلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ دەل جايىدا مەلۇمات بېرىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن مەلۇمات بېرىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، بولۇپمۇ يېقىنلاشقان چاغدىكى ئالدىن مەلۇماتنى كۈچەيتىپ، خادىملارنى يۆتكەپ خەۋپتىن ساقلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنىلا بىرىنچى سەپتە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ