مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بازارنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلدى

2020.08.07 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزدى، ھەمدە ئادىل ۋە ئۈنۈملۈك بولدى، ئۇ، ئىقتىسادىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر. بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقى مىسلىسىز بولدى. مالىيە مىنىستىرلىقى 6- چېسلا ئېلان قىلغان «2020- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى جۇڭگو مالىيە سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئەمەلىي باج كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىلدى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 1 تىرىليون 504 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مەدەت بېرىشكە دائىر بۇ يىل يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت-تەدبىرلەر بويىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 894 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2019- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت بويىچە، 2020- يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 610 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى، ھەمدە بۇ پۇللار يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتىنى قوللاش، ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق كاپالەت ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە، 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىنكى قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى تۇتۇپ قېلىپ باج تۆلەش سىياسىتى بويىچە قايتۇرۇلغان باج 10 مىليارد 202 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كارخانىلارنىڭ نەق پۇل ئوبوروتى كۆپەيدى، بۇ، ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ