مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى كۈنىگە 4 مىليون 840 مىڭغا يەتتى

2020.08.06 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن سىياسىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ جياڭپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى كۈنىگە 4 مىليون 840 مىڭغا يەتتى، مەملىكەت بويىچە 160 مىليون كىشىنىڭ يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلدى. ھازىر ئېلىمىز يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش رېئاكتىۋى تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە مەھسۇلات ئىقتىدارى جەھەتتە ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرىدۇ، بەزى مەھسۇلاتلار ھەتتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش رېئاكتىۋىنىڭ ئومۇمىي تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

  يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان داۋالاش ئاپپاراتى 4946 غا يەتتى.

  ۋاڭ جياڭپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە داۋالاش ئاپپاراتى 4946 گە، ئۆلچەش تېخنىكا خادىملىرى 38 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى. مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، تاموژنا پورتى، 3- تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىغا 200 مىليونغا يېقىن رېئاكتىپ ۋە 12 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنە ئەۋەتىلدى .

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ