خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى ۋە پەن- تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم، بۇ شەرەپ ماڭا تەۋە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مېنىڭ ئەترىتىمگە تەۋە، بۇ ئۇلۇغ دەۋردىكى بارلىق ۋەتەنپەرۋەر تۆھپىكار زىيالىيلارغا تەۋە». 8-ئاينىڭ 3-كۈنى 2018-يىللىق دۆلەت ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ يۇڭتەن دۆلەتنىڭ 8 مىليون يۈەنلىك ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ، خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر پەنلىرى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن، يۇڭرۇي فوندى تەسىس قىلدى.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، ئاكادېمىك ليۇ يۇڭتەن يېڭى تۈزۈلمىلىك رادارنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، چەت ئەلنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ دېڭىز-ئوكيان رادارىغا «جادۇ كۆز» بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز تەۋەسىنى نازارەت قىلىش كۆلىمىنى %20 كە يەتمەسلىكتىن تولۇق قاپلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2019-يىلى 1-ئايدا، ليۇ يۇڭتەن 2018- يىللىق دۆلەت ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
«مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە تەرەققىي قىلىشىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيەسىدىن، مەكتەپ ۋە يولداشلارنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ دەقىقىدىلا، مەندە مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ، دۆلەتكە، مەكتەپكە جاۋاب قايتۇرۇش ئويى پەيدا بولدى، بۇ ئويۇم شۇنداقلا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى»، دېدى ليۇ يۇڭتەن.
1953-يىلى ليۇ يۇڭتەن، فېڭ بىڭرۇي خاربىن سانائەت داشۆسىگە ئوقۇشقا كەلدى، كېيىن بىرلىكتە مەكتەپتە قېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپ، ئانا مەكتىپى بىلەن چوڭقۇر ھېسسىيات ئورناتتى. ليۇ يۇڭتەن مۇنداق دېدى: يۇڭرۇي فوندىنىڭ تەسىس قىلىنىشى دىققەتنى دۆلەت مۇداپىئە ئېلېكتىرون قۇرۇلۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ئۈسكۈنىلىرىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
خاربىن سانائەت داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيۇڭ سىخاۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل خاربىن سانائەت داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ئاكادېمىك ليۇ يۇڭتەن بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، مۇنەۋۋەرلىككە ئىنتىلىدىغان بايراقنى تىكلەپ بەردى. مەكتەپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىسلاھاتى، پەن تەتقىقات تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى زور بىر تۈركۈم «ئۇستاز + كوللېكتىپ» لارنى يېتىشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا زور يېڭىلىق ياراتقان تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى