مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن يەرشارىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش

−− دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو بېيدوۋ خاتىرىسى

2020.08.05 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى، بېيدوۋ 3-نومۇرلۇق يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى رەسمىي ئېچىلدى.

  پۈتۈن يەرشارىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش

  ئىلگىرى دۇنياغا «تۆت چوڭ كەشپىيات»نى تەقدىم قىلغان جۇڭگو يەر شارى بىر گەۋدىلەشكەن، دۇنيا ئۆزئارا ئۇلانغان تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، يەنە بىر قېتىم جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

  جۇڭگو بېيدوۋنىڭ دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسى: پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلىنىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمىز

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ئامېرىكىنىڭ GPS سىستېمىسى، رۇسىيەنىڭ گلوناس سىستېمىسى دۇنيا بويىچە تور تەشكىللەپ، ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، «بىر قەدەم بىلەن يەر شارىنى قۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئەينى ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، تېخنىكا ئاساسى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، يەنە ئالاھىدە خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا چەت ئەلنىڭ ئەڭ قاتتىق تېخنىكا قامىلىغا دۇچ كەلدى. قىيىن ئەھۋالغا قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەمەلىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئەڭ زور كۈچ بىلەن ئەڭ زور مۇمكىنچىلىكتە ئۆزىمىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى، يەنى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بېيدوۋ 1- نومۇرلۇق سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگونى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش؛ 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بېيدوۋ 2- نومۇرلۇق سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا مۇلازىمەت قىلىش؛ 2020-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە بېيدوۋ يەر شارى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن دۇنيانى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  2017-يىلى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، بېيدوۋ 2-نومۇرلۇق سىستېمىسى يەر شارى بويىچە تور تەشكىللەش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. ئىككى يېرىم يىلدا، جۇڭگو 18 راكېتا بىلەن 30 سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىپ، بەلگىلەنگەن نىشاننى مۇددەتتىن يېرىم يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ساھەسىدە تور تەشكىللەش سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىش يېڭى رېكورتىنى ياراتتى.

  ئامېرىكا، رۇسىيە ئەندىزىسىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىش جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، جۇڭگو بېيدوۋ 2-نومۇرلۇق سىستېمىسى ئاساسىدا «ئارىلاشما سۈنئىي ھەمراھ قۇرۇلمىسى»غا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى، «سۈنئىي ھەمراھلار ئارا زەنجىر»ى قاتارلىق يېڭى قۇرۇلۇش ئىدىيەسىنى ئىجادىي قوللىنىپ ۋە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ تېجەشلىك مەبلەغ سېلىنمىسى، ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۈنئىي ھەمراھ سانى ئارقىلىق، يەر شارى مىقياسىدا قاپلاش ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يول باشلاش، ئورۇن بەلگىلەش، ۋاقىت مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن باشقا، يەنە سۈنئىي ھەمراھ ئاساسىنى كۈچەيتىش، يەر يۈزى ئاساسىنى كۈچەيتىش، نازۇك يەككە نۇقتىلىق ئورۇن بەلگىلەش، خەلقئارا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش، قىسقا خەۋەر ئالاقىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدە مۇلازىمەتلەر بىلەنمۇ تەمىنلىدى.

  جۇڭگو بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ دۇنياۋى كۆكسى-قارنى: ھەممىنى سىغدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش

  بېيدوۋ سىستېمىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، خەلقئارا ھەمكارلىق يولىدا مېڭىشى ئانچە راۋان بولمىدى. جۇڭگو بېيدوۋ سىستېمىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ GPS سىستېمىسى، بېيدوۋ سىستېمىسى بىلەن رۇسىيە گىلوناس سىستېمىسى، بېيدوۋ سىستېمىسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گالىلېي سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىق ۋە ئۆزئارا مەشغۇلاتنى پائال ئىلگىرى سۈردى.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھ ئاساسىنىڭ كۈچىيىشى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئۆزئارا مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە داۋاملىق ماسلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى؛ جۇڭگو- رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، زور ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈرى كومىتېتى نۇرغۇن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى سىستېما ۋاقتىنىڭ ئۆزئارا مەشغۇلات قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىمۇ چاستوتا ماسلاشتۇرۇش داۋاملىق چوڭقۇرلاشماقتا.

  سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەسى. جۇڭگو بېيدوۋ سىستېمىسىنى دۇنياغا ئېچىۋېتىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا ئارقا- ئارقىدىن بېيدوۋ «دوستلار چەمبىرىكى» گە كىرىپ نەتىجىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدى.

  ب د ت يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق تەمىنلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيدوۋ سىستېمىسى دۇنيا يول باشلاش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. ب د ت تاشقى بوشلۇق مەھكىمىسى بىلەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى ھەمدە ئېلىمىزدە ب د ت يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى خەلقئارا كومىتېتى يىغىنى ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، «بېيدوۋ خىتابنامىسى» ۋە «شىئەن تەشەببۇسى» ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ