مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى دۆلەت قاتلىمىدىن تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئون چوڭ مۇلازىمەت ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىندى

2020.08.04 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ بولسا، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى دۆلەت قاتلىمىدا تۇنجى قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا، تۈرلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت سانائىتى باغچىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى يېتەكلەش ۋە قوللاش تەلەپ قىلىندى. بۇلار ئاساسلىقى، بىرلىشىپ تەكلىپ قىلىش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئون چوڭ مۇلازىمەت»نى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  بۇلار 255 مىليون ئادەم (قېتىم)لىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولدى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئادەم كۈچى بايلىقىنى كۆچمە باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىشتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپ كۆزدە تۇتۇلغان: يەنى، مەركەزنىڭ تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى. بۇنىڭدا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەم شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشىنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجىمۇ كۆزدە تۇتۇلدى. نۆۋەتتە ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. دۆلىتىمىز بولسا ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، 900 مىليوندىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ۋە 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى بار. ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەتچىلىكى بولسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئېچىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مەخسۇس ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يەنە ئەمگەكچىلەر بىلەن ئىش ئورنىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ سىممېترىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ «ئىشچى قوبۇل قىلىش تەس بوكۇش» ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇش»تەك جىددى مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە پەسەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، بولۇپمۇ بازارلاشقان ۋە ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ