مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى بەش خىل پەن تەتقىقات ئورنلىرى ۋە خادىملارغا «قىزىل سىىزىق» سىزدى

پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلنسا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

2020.08.04 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ھەمدە ئىستىلى دۇرۇس ۋە كەيپىياتى توغرا بولغان ياخشى پەن تەتقىقات كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى يېقىندا «پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، ھەمدە بەش خىل پەن تەتقىقات ئورنلىرى ۋە خادىملىرىغا «قىزىل سىىزىق» سىزىپ بەردى، دېمەك، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مۇناسىپ جازا بېرىلىدۇ. بۇ «بەلگىلىمە» 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ بەش خىل ئورۇن ۋە خادىملار تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئۇلار: ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، پەن-تېخنىكا پائالىيىتىنى يولغا قويغان ئورۇنلار، پەن-تېخنىكا خادىملىرى، پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدىن مەسلىھەت بېرىش-باھالاش مۇتەخەسسىسلىرى، 3- تەرەپ پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرى دېگىندە، ئۇلار ئىجارىگە بېرىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان پەن تەتقىقات مەبلىغىنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش؛ پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدىكى ئالاقىدار ئورۇن ياكى خادىملارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى يوشۇرۇش ۋە قانات ئاستىغا ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپلىقى ۋە قىلمىشنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، ئايرىم ھالدا ياكى بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇش؛ سۆھبەتلىشىش؛ مەلۇم دائىرىدە ياكى ئاشكارا ھالدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش؛ بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قوللايدىغان پەن-تېخنىكا پائالىيىتىنى باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش؛ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قوللايدىغان پەن-تېخنىكا پائالىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى مەنئى قىلىنىش؛ پەن تەتقىقات سەمىمىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق ھەرىكىتى بولۇپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا خاتىرىلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ