مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز مالىيەسى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 55 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك ياردەم خىراجىتى ئاجىراتتى

ئاجىراتقان خىراجەت ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9.6 ئاشتى

2020.08.04 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارغا ئاجرىتىلىدىغان 2020- يىللىق ياردەم پۇلدىن 55 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئاجرىتىلغان ئۇ پۇللار ئالدىنقى يىلدىكىدىن 4 مىليارد 840 مىليون يۈەن كۆپەيدى ۋە %9.6 ئاشتى. جايلارنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپقا ئالاقىدار مۇكاپات پۇلى، ھەقسىز ئوقۇش (پارچە) خىراجەت ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە مەدەت بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 6 مىليون 918 مىڭ ئادەم (قېتىم)، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 14 مىليون 940 مىڭ ئادەم (قېتىم) ۋە ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 8 مىليون 486 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئوقۇغۇچى مەنپەئەتلەندۈرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  بۇ يىل مالىيە مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرمەكچى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى، ھەمدە بۇ سىياسەتنى نامرات رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا يەنىمۇ مايىللاشتۇرماقچى. بۇنىڭدا، بىرىنچىسى، 2020- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى شەھەر نوپۇسىدا بولغان ۋە كەسپى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق بولمىغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولمىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئويۇن قويۇش كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتىكى ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككىنچىسى، جايلاردىن شۇلار تەلەپ قىلىندى، يەنى، ئۇلاردىن ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنى، بولۇپمۇ ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئۈچىنچىسى، ياردەم بېرىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مالىيە مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارغا 224 مىليارد 300 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.7گە يېتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇ ئارقىلىق، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 33 مىليون 590 مىڭ ئادەم قېتىم، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى 68 مىليون 380 مىڭ ئادەم (قېتىم)، ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 34 مىليون 370 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئۇقۇغۇچى مەنپەئەتلەندۈرۈلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ