شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى

2020.08.04 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانما يولىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ماسكا تاقاپ سەپەرگە چىقماقتا (27-ئىيۇل فوتوسى).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەلپازى يامانلاشقان ئۈچىنچى قېتىملىق يۇقۇم ئالدىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، تېزدىن تىزگىنلەشكە تىرىشتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى يۇقۇمنى تېز كونترول قىلىپ، تارقىلىش زەنجىرىنى ئىمكانقەدەر ئۈزۈۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۆپ قېتىم چىڭ تۇتتى، ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئايرىش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ياردەم سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ