مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى

2020.08.03 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ۋەزىپە. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومى بىلەن 1-تومى، 2-تومىنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇشقا، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىشكە، ئەسلىي قائىدىنى چۈشىنىشكە تەشكىللەپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، رەھبىرىي كادىرلارنى نەزەرىيە بويىچە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش، قىسىمنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيە نامايان قىلغان ۋە سىڭدۈرۈلگەن مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد، سەمىمىي خەلق ھېسسىياتى، يۈكسەك ئاڭلىق ئىشەنچ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھى، ئىلمىي پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىشلىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى، بىلىش، ئىشىنىش، ھەرىكەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش ئاساسىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى ئۆگىنىپ، «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا»، «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا (2)» ۋە «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيە سىستېمىسى ۋە جەۋھىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە لېكسىيە سۆزلەش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىسىمنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ