شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى ئاخىرلاشتى

نەپ يەتكۈزۈلگەن تاماشىبىنلار 160 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

2020.08.03 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 23-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمىدا نامزاتلىققا كىرگەن جۇڭگو-ياپونىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن «نارادا قايتا كۆرۈشۈش» ناملىق فىلىمنى ئىشلەش گۇرۇپپىسى شاڭخەيدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى (31- ئىيۇل فوتوسى).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توققۇز كۈن داۋاملاشقان 23-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى 2-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمىدا تۇنجى قېتىم كىنوخانا، دالا ۋە تور قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، 160 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىن نەپكە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە كىنوخانىدا كىنو كۆرگەنلەر 147 مىڭ 500 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ