مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2020.08.03 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 15 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەشكىلىي قۇرۇلۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. بىز قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقساقلا، بوران چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلسىمۇ، بېلىق تۇتۇش سۇپىسىدا مەزمۇت ئولتۇرالايمىز.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىز تارىخىي تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىگە قارىتا يىغىنچاقلاش ئېلىپ باردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىلمىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى توغرا چۈشىنىپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىي تەلىپىنى توغرا، ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. توغرا سىياسىي لۇشيەن توغرا تەشكىلىي لۇشيەننى بەلگىلەيدۇ، توغرا تەشكىلىي لۇشيەن توغرا سىياسىي لۇشيەنگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، كاپالەتلىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ