مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاۋال قۇتقۇرۇپ، داۋالاپ، ئاندىن راسچوت قىلىندى

مەملىكەت بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغانلىقىغا ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە گۇمانىي بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2020.07.31 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ شيەنجۈن 28- چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 19- چېسلا، مەملىكەت بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ۋە گۇمانىي بىمارلاردىن 135 مىڭ 500 ئادەم قېتىملىق كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى راسچوت قىلىندى، بۇنىڭغا چېتىشلىق داۋالاش خىراجىتى 1 مىليارد 847 مىليون يۈەنگە يەتتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا 1 مىليارد 232 مىليون يۈەن چىقىم قىلىندى، چىقىم قىلىش نىسبىتى %67كە يەتتى.

  شيۇڭ شيەنجۈن مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە سىياسەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، «ئىككىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار بىمارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن داۋالىنىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ چىقىم قىلىش سىياسىتى سەۋەبىدىن داۋالىنىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا، دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە گۇمانىي بىمارلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال داۋالىتىلىپ، ئاندىن راسچوت قىلىنىدۇ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ بېسىمى يېنىكلىتىلىدۇ، ھەمدە داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن ۋاقتىدا راسچوت قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى يەنە «ۋاقتىدا بېجىرىش، يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپ بېجىرىش، خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېجىرىش، كېچىكتۈرۈپ بېجىرىش، خاتىرجەم بېجىرىش»تىن ئىبارەت «بەش بېجىرىش»تەك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەر، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى «ئالاقە تورى +»نىڭ قايتا تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە دىئابېت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گېرىپتار بولغان بىمارلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك رېتسېپ سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ