ۋۇخەن مېھمانخانا چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ ئەسلىدىكى كەسىپ ھالىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2020.07.30 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- ئىيۇل، ئىشچىلار ۋۇخەندىكى مېھمانخانا ياتاقلىرىدىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانا (قىسقارتىلىپ "ۋۇخەن مېھمانخانا چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىسى" دېيىلىدۇ)نى چۇۋۇش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ باردى. مۆلچەرلىنىشىچە، چۇۋۇپ ئەسلىدىكى كەسىپ ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ئىككى-ئۈچ كۈندە تاماملىنىدىكەن.

  شۇ كۈنى ۋۇخەن مېھمانخانا چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىسى ئۆزىنىڭ تىببىي مۇلازىمەت بۇرچىنى ئادا قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى. ئەمدى ئۇ ئۇنى چۇۋۇش مەشغۇلاتى باسقۇچىغا كىردى. ئەمدى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مېھمانخانا كەسپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ۋۇخەن مېھمانخانا چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى ئەسلىدە جول قارمىقىدىكى خوجىلىقىغا قاراشلىق ۋۇخەن مېھمانخانا كۆرگەزمە مەركىزىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلدە ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭنەن دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان ۋە كېسەل ئالامىتى يېنىك بولغان بىمارلارنى شۇ جايغا يىغىپ داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن. بۇ، ۋۇخەندىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ كۈندىلا پۈتكەن. 3- ئاينىڭ 8- كۈنى دوختۇرخانا مۇلازىمەتتىن توختىتىلغاندىن كېيىن، ۋۇخەن مېھمانخانىسى يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەپ، چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئىچى-سىرتىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىپ باكتېرىيەسىزلەشتۈرۈش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوغداش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، بۆلمە ئىچىدىكى ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش ۋە تازىلاشقا مەسئۇل كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ