بېيجىڭ: نامراتلارنى يۆلەش تاللا بازىرى مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

2020.07.29 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 28- كۈنى خېرىدارلار نامراتلارنى يۆلەش تاللا بازىرىدىن تاۋار سېتىۋالدى. شۇ كۈنى، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان شونوڭ ئۇمېي نامراتلارنى يۆلەش تاللا بازىرى بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە قوش يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە تىجارەت باشلىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تاللا بازىرىدا تەسىس قىلىنغان نامراتلارنى يۆلەش تاۋارلىرى مەخسۇس پوكىيىنىڭ كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ياردەم بېرىدىغان يەتتە ئۆلكە ۋە رايون، 90 ناھىيە دەرىجىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتىدىن 1000 خىلغا يېقىن مەھسۇلات سېتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ