6- ئايدا سانائەت پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى

2020.07.28 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاڭچۈنگە جايلاشقان 1- ئاپتوموبىل گۇرۇھى "ئازادلىق" باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا ئىشچىلار ئاپتوموبىللارنى قۇراشتۇردى. (6- ئاينىڭ 19- كۈنى تارتىلغان). 7- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 6- ئايلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 666 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشقان، ھەمدە ئېشىش سۈرئىتى 5- ئايدىكىدىن 5.5 پىرسەنت پوئىنت تېزلەشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ