نەپەسلىنىش سىستېمىسى مېدىتسىناسى ئىلمىنىڭ دۆلەتلىك مەركىزى بېيجىڭدا قۇرۇلدى

2020.07.28 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 26- كۈنى نەپەسلىنىش سىستېمىسى مېدىتسىناسى ئىلمىنىڭ دۆلەتلىك مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭ جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا ئېچىلدى. بۇ، شۇ كۈنكى مۇراسىمدا تارتىلغان سۈرەت. شۇ كۈنى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى مېدىتسىناسى ئىلمىنىڭ دۆلەتلىك مەركىزى بېيجىڭ جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا يوپۇقىنى ئاچتى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى ئاكادېمىك ۋاڭ چېن بۇ مەركەزنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ