مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2- پەسىلدە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى

2020.07.28 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27- چېسلا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە «ئىلگىرى تۆۋەن، كېيىن يۇقىرى بولۇش، تۆۋەنلەشتىن ئېشىشقا قاراپ يۈزلىنىش» ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، 2- پەسىلدە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6- ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 666 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 5- ئايدىكىدىن 5.5 پىرسەنت پوئىنت تېزلىشىپ، ئىككى خانىلىق ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 6- ئايدا، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشى ئاساسلىقى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە سانائەت بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىنىڭ تارىيىپ كېتىشى، كارخانىلارنىڭ بىرلىك تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ پايدىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشى قاتارلىقلاردىن نەپ ئالغانلىقىدىن بولغان. يەر شارى يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا داۋاملىق يامراۋاتىدۇ، سانائەت پايدىسىنىڭ ئېشىشىنىڭ سىجىللىقى يەنىلا ئېنىقسىز بولماقتا. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ