خېبېي فۇچېڭ: ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش

2020.07.27 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7- ئاينىڭ 26- كۈنى خېبېي ئۆلكىسى فۇچېڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى فېڭتاتۇ كەنتىدە بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى. شۇ كۈنى يېزىلاردىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن، خېبېي ئۆلكىسى فۇچېڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى فۇچېڭ بازىرى فېڭتاتۇ كەنتىگە بېرىپ، «ئۆزىنىڭ پەرىشچىسى بولۇش» تېمىسىدىكى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى دەرسىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ