مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز مالىيەسى 25 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇردى

كەسپىي مائارىپنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

2020.07.27 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2020-يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە 2 مىليون كىشىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركەز مالىيەسى زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى ئۈچۈن 25 مىليارد 711 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، بۇ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1 مىليارد 990 مىليون يۈەن كۆپەيتىلىپ %8.4 ئاشقان بولۇپ، جايلارنى كەسپىي مائارىپنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلارنىڭ ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوتتۇرىچە پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، «قوش ئوقۇتقۇچىلىق تىپىدىكى» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە داۋاملىق مەدەت بېرىلىدۇپ ھەمدە جايلار 1+X گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، جۇڭگوچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە كەسپىي قۇرۇلۇش پىلانى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىدۇ. مەبلەغ تەقسىم قىلغاندا، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى، ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئامىللار ئويلىشىلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى كۆپرەك ئۈستىگە ئالغان ئۆلكىلەرنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا داۋاملىق مايىللىشىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى يۇقىرى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان كەسپىي مەكتەپلەرگە مايىللىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەھىيە، ساغلاملىق قاتارلىق ئالاھىدە، جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى قوللايدۇ.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مەركەز مالىيەسى جەمئىي ئورۇنلاشتۇرغان زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى مەبلىغى 129 مىليارد 268 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.8 ئاشقان، ھازىرغا قەدەر، ھەر قايسى ئۆلكىلەردە ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى، ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پۇل ئاجرىتىش سەۋىيەسى 12 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي جەلپ قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ