مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز مالىيەسى 9 مىليارد 450 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى قوللايدۇ

2020.07.22 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 9 مىليارد 450 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش خاراكتېرلىك تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، چۈشۈرۈلگەن مەبلەغ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 670 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %7 ئاشتى، جايلارنىڭ ئالدىنقى يىلى 10 مىڭ ئادەم كۆپەيتىش ئاساسىدا، ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى 5000 ئادەم كېڭەيتىپ، 105 مىڭغا يەتكۈزۈشنى قوللاپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات ناھىيەلەر، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغان 52 ناھىيە، شۇنىڭدەك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايون، ناھىيەلەردىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى ئالدىن قاندۇرۇلىدۇ ھەمدە خۇبېيلىق ۋە خۇبېيدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ.

  يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئوقۇش تارىخى قۇرۇلمىسى، ياش قۇرۇلمىسى ۋە پەن قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلدى. 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئالاھىدە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ يىل ھەر يىلى تەكلىپ قىلىش پىلانىدا 10 مىڭ ئادەم كۆپەيتىلىپ، مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن يىلىغا 100 مىڭ ئادەم تەكلىپ قىلىش خىزمەت نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش سانى 440 مىڭدىن ئاشۇرۇلىدۇ؛ مەركەز مالىيەسى بەش يىلدىن بۇيان جەمئىي 37 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش خاراكتېرلىك تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ