مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتى نىزامىنى بېسىپ تارقاتتى

2020.07.21 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ قوللانما قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانىدۇر.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «نىزام»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش − پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «نىزام»نىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم. جايلار، تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ