مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىدا ساختىپەزلىك قىلىش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك

2020.07.15 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى خىزمەت جەريانىدا بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ساختا كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىق قىلمىشلار بارلىقىنى بايقىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا ساختىپەزلىك قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىرىنى بايقىسا بىرىنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  17- ئىيۇندىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020- قارارلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستاتىستىكىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن «تۆتنى قىلماسلىق» بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، يەنى: ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ۋە ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىپ بېرىشنى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىۋ\ېلىشقا بولمايدۇ، نوپۇس ۋە ئارخىپىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ساختا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئۈندەشكە بولمايدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىش ئورنىدا پراكتىكا قىلىش ۋە پراكتىكا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىسپات ماتېرىيالى قىلىشقا بولمايدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستاتىستىكىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تۈزىتىش ئۈچۈن، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى: بىرىنچىسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈش يوللىرى ئېچىۋېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن، 2020- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار «جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇر تورى»غا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش يۆنىلىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسە بولىدۇ. ئىككىنچىسى، جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماتېرىيالىنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ئۈچىنچىسى، پاش قىلىش تېلېفونى ۋە پوچتا ساندۇقى ئېچىلدى. تۆتىنچىسى، 3- تەرەپ ئاپپاراتقا تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئېنىقلاش دېگەندەك كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، گۇمانلىق ئۇچۇرلارنى بىربىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بەشىنچىسى، جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن ساختىپەزلىك قىلىش دېگەندەك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ