شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 2020- يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2020.07.13 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2020- يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شۇ كۈنى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2020- يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى مىنخاڭ رايونى خۇفاگۇاڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيدانغا 3000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشتى، نەق مەيدانغا بارالمايدىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار «بۇلۇتتا» جەم بولدى. مەكتەپتىكى «بۇلۇت»تا مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قانداق بىر يىلدا بىر قېتىم ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قايتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، دەپ ۋەدە بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ