ئەنخۇي ئۆلكىسى شېشيەن ناھىيەسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كېچىكتۈرۈپ ئالىدىغان ئىمتىھان تۈرى ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى

2020.07.10 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شېشيەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىمتىھان نۇقتىسىدىن چىقتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2020- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەنخۇي شېشيەن ناھىيەسى ئىمتىھان رايونىنىڭ ئۇزارتىلغان ئىمتىھان تۈرى ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى. كۈچلۈك يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، 2020- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەنخۇي شېشيەن ناھىيەسى ئىمتىھان رايونى 7- ئىيۇل كۈنى ئىمتىھاننى ئۆز ۋاقتىدا باشلىيالمىغان ئىدى،

  مۇھاكىمە قىلىش ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، شېشيەن ناھىيەسى ئىمتىھان رايونى 9- چېسلا 2020- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئەدەبىيات، ماتېماتىكا (ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن)نىڭ قوشۇمچە سوئاللىرىدىن ئىمتىھان ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ