بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى 2020- يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2020.07.09 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇل سۈرەتكە ئېلىنغان بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2020-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

  شۇ كۈنى بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى 2020- يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېھتىياجى بىلەن، بۇ يىلقى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگۇەنسۈن مەكتەپ رايونىنىڭ شەرقىي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا قاتناشتى، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلار توردا بىۋاسىتە كۆرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ