جياڭشىنىڭ دۇچاڭ ناھىيەسى قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 400 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى بىخەتەر يۆتكەلدى

2020.07.09 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى دۇچاڭ ناھىيەسى داگاڭ بازىرى يەنتيەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يامغۇرغا قارىماي ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكىدى. شۇ كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى دۇچاڭ ناھىيەسى داگاڭ بازىرىدا قارا يامغۇر ياغدى، يەنتيەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار كەلكۈندە قاپسىلىپ قېلىپ، مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان 441 ئوقۇغۇچى ۋە 30 ئوقۇتقۇچى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. بۇ ناھىيە دەرھال قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ، كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى جىددىي يۆتكىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ