مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن 2020 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغدىدى

2020.07.08 17:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6- چېسلا ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 2020- يىللىق مەملىكەتلىك ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىمتىھانغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى، مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى ئامانلىق ساقلاش تەكشۈرۈشى ۋە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە كىملىك بېجىرىش قاتارلىق يېشىل مۇلازىمەت يوللىرىنى ئېچىپ بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغدىدى. ھازىرغىچە ج خ ئورگانلىرى ئىمتىھانغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 30 نەچچىنى پاش قىلدى، 230دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن تەييارلىۋالغان 7000دىن ئارتۇق سىمسىز ئۈسكۈنىلەرنى يىغىۋالدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 113 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىملىكنى جىددىي بېجىرىپ بەردى.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى خەلق ساقچىلىرى ۋە ئامانلىق ساقلاش ئاكتىپلىرىدىن 310 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم)نى تەشكىللەپ، مەملىكەت بويىچە 7000دىن ئارتۇق ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى ئامانلىق مۇرەككەپ سورۇنلىرىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، تۈرلۈك خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگەتتى؛ 6000دىن ئارتۇق ساقچىنى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزىگە ئەۋەتتى، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، كىملىكنى جىددىي بېجىرىش ۋە ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن گۇۋاھنامە ياساپ بېرىپ، شۇ كۈنى قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈپ ۋە ئىمزا قويۇپ تارقىتىپ بەردى.

  جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى ئىمتىھانغا چېتىشلىق تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە، يەنى ئېنتىرنېت تورى ۋە ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش سىمسىز ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ساختىلىق قىلشتەك تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، 30دىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلىپ، 230دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن تەييارلىۋالغان 7000دىن ئارتۇق سىمسىز ئۈسكۈنىلەرنى يىغىۋالدى. ج خ ئورگانلىرى توردا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پىتنە-ئىغۋالىرىنى تارقاتقان بىر تۈركۈم تور تاراتقۇلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىمتىھاننى قوغداش ۋە قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت «يېشىل يول»نى ئاچتى، كىملىكى ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى ياكى ناچار ھاۋارايىغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنى جىددىي يول يۈرۈش قولايلىقى بىلەن تەمىنلىدى. كاشىلىغا ئۇچرىغان، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ بارىدىغان ماشىنىغا قارىتا، دەرھال چارلاشقا چىقىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپتوموبىل بىلەن ئالاقىلىشىپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ ئېلىپ بېرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بىخەتەر ۋە ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ساقچى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى قاتناشنى كۈچەيتىپ، يول كۆرسەتمە بەلگىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ بارىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ