گۇيجۇ ئەنشۈندە ئاممىۋى ئاپتوبۇس كۆلگە چۈشۈپ كېتىپ 21 ئادەم قازا قىلدى، 16 ئادەم يارىلاندى

2020.07.08 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس سۈزۈۋېلىندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھەرلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئىيۇل سائەت 22 گىچە، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، ئەنشۈندىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس كۆلگە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 37 ئادەم ئىزدەپ تېپىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 16 ئادەم يارىلاندى، 20 ئادەمدە ھاياتلىق ئالامىتى يوق، بىر ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

  7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا، ئەنشۈن شەھىرىدىكى نومۇر تاختىسى گۇيجۇ G02086D بولغان 2- يول ئاپتوبۇسى ئەنشۈن ۋوگزالىدىن شەرقىي يولۇچىلار بېكىتىگە قاراپ يولغا چىقىپ، خۇڭشەن كۆلى توسمىسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىن ئۆتكەندە، تاش رىشاتكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كۆلگە چۈشۈپ كەتتى. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش ئارقىلىق سائەت 22 گىچە، جەمئىي 37 ئادەم ئىزدەپ تېپىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 16 ئادەم يارىلاندى، 20 ئادەمدە ھاياتلىق ئالامىتى يوق، بىر ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

  كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس قىرغاققا سۈزۈپ چىقىرىلدى، شوپۇردا ھاياتلىق ئالامىتى كۆرۈلمىدى. دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىنىشىچە، شوپۇر جاڭ فامىلىلىك، ئەر، 52 ياش، ئەنشۈن شەھىرى شىشيۇ رايونىدىن، A1 پىراۋىسى بار، 1997-يىلىدىن ھازىرغىچە ئىزچىل 2-يول ئاپتوبۇسىنى ھەيدەۋاتقان. ئالاقىدار تەپسىلىي ئەھۋاللار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

  مۇخبىر قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا كەچ كىرگەندىمۇ قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يەنىلا جىددىي قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  مۇخبىر گۈيجۇ ئەنشۈن 73- دوختۇرخانىسىدا يارىلانغان بىر يولۇچىنى كۆردى، بۇ يولۇچى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر سالامەتلىكىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىزچىل ھەمراھ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن گۇيجۇ ئۆلكىسىدە دەرھال رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، ئەنشۈن شەھىرى قۇتقۇزۇش، داۋالاش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ۋەقەنى قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، قوراللىق ساقچى قىسىم، ج خ، خەلق ئەسكەرلىرى قاتارلىق تارماقلار قۇتقۇزۇش كۈچلىرىدىن 1100 دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. گۇيجۇ ئۆلكىسى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەقەنى تەكشۈردى، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ