مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى 3 تىرىليون 112 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى

2020.07.08 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7-ئىيۇن دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى 3 تىرىليون 112 مىليارد 300 مىليون دوللار بولۇپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 10 مىليارد 600 مىليون دوللار ئۆرلىگەن، ئۆرلەش نىسبىتى %0.3 بولغان.

  دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ چۈنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارىدا تارقىلىشى، ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇلى ۋە مالىيەنى قوزغىتىش سىياسىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا دوللار كۆرسەتكۈچى ئازراق تۆۋەنلىدى، ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ مۈلۈك باھاسى ئۆستى. پېرېۋوت نىسبىتىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ۋە مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال رولى بىلەن، بۇ ئايدىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ