مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭدا مەركەزلىك ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ ئايرىۋېتىش بىكار قىلىنىشى تۈرگە ئايرىپ ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى

ئۇنداقلارنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدىكى ساغلاملىق كۆزىتىلىشىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك

2020.07.08 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت نۆلدىن 24 كىچە، بېيجىڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل ۋە گۇمانىي كېسەل كۆرۈلمىدى، بۇ 6- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن بېرى تۇنجى قېتىم يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل كۆرۈلمىگەن كۈنى. 7- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ، شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىدا مەركەزلىك ئايرىۋېتىلىش مۇددىتى توشقانلارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئايرىۋېتىلىشى بىكار قىلىندى، ھازىر ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. ئايرىۋېتىش بىكار قىلىنغان خادىملارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۇنجى تۈركۈمدە 5000دىن ئارتۇق ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتى تاماملاندى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەممىسى لاياقەتلىك بولدى. پايتەختتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. دېمەك، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسى ئۈنۈم بەردى، يەنى ئالدىنى ئالغىلى، كونترول قىلغىلى ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بولدى.

  7- چېسلا چۈشتە، مۇخبىر جەنۇبىي 5- ئايلانما ئەتراپىدىكى مەركەزلىك ئايرىۋېتىش نۇقتىسىدا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ ئايرىۋېتىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدىن چىقىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا چىققانلىقىنى كۆردى. فېڭتەي رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنفادى بازىرىغا قايتىش ھاجەتسىز بولغانلار شۇ كىشىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن ھەمدە بېرىش جايىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا قايتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ؛ شىنفادى بازىرىغا قايتىپ ماشىنىسى ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىشقا توغرا كەلگەنلەر تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى ۋە ھالقىلىرىنى كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت قوللانمىسى»نى تۈزۈپ چىقتى، ھەمدە خادىملارنى تۈرگە ئايرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، خادىملارنىڭ مەيدانغا كىرىپ مەيداندىن چىقىشى، كېيىنكى مۇلازىمەتلەر قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا «ئادەم بىلەن ئاپتوموبىلنى تۇتاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن نەرسىلەرنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئادەم بىلەن ئادەمنى تۇتاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ