مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو-چەت ئەل تىل ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى تەسىس قىلدى

2020.07.07 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، يېقىندا جۇڭگو-چەت ئەل تىل ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى تەسىس قىلدى. بۇ مەركەز جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن بولۇپ، خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسپىي جامائەت پاراۋانلىقى مائارىپ ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئورگان دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل ئاممىسىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشى ۋە جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ تىل ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن دوستانە ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلدى.

  جۇڭگو-چەت ئەل تىل ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزى ئاساسلىقى خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپ بايلىقى سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇرۇشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك كونكرېت خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ: يەنى، خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپىغا ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى تۈزۈشكە قاتنىشىش ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛ خەلقئارا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى، دەرسلىقلەر ۋە پەنلەر قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىنى قوللاش؛ خەلقئارا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىمتىھانى، چەت ئەللىكلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ئالاقىدار باھالاش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ خەلقئارا خەنزۇ تىلى مائارىپىغا ئالاقىدار كۇرسلۇق مەھسۇلات تۈرلىرىنى يولغا قويۇش؛ جۇڭگو-چەت ئەل تىل ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار. بۇ مەركەزنىڭ تور بېكىتى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ