مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە مائارىپ تارماقلىرى «ئىمتىھانغا چېتىشلىق» قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى

2020.07.07 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 5-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، 2020-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىك تارماقلىرى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئالاقە تورى ۋە ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش سىمسىز سايمانلىرىدىن پايدىلىنىشتەك تۈرلۈك «ئىمتىھانغا چېتىشلىق» جىنايى ھەرىكەتلەرگە يۇقىرى بېسىمدە قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاپ، «ئىمتىھانغا چېتىشلىق» قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى سىجىل تەھقىقلەپ زەربە بېرىپ، 30دىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلىپ، 200دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا تەشكىللەش دېلوسىدىن ئۇدا بىرقانچىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت شايكىلىرى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توپلاپ، يۇقىرى سوممىلىق ھەق ئېلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قانۇنسىز «مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى سوممىلىق ئىقتىسادىي پايدا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا كۆرۈلگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا چېتىشلىق ساختا، يالغان ئۇچۇرلار، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ تەكرار قىلىشىغا خاتا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىغا پىتنە- ئىغۋا تارقاتقان تور ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمتىھان تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ