مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ: يادرو كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان ۋە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 11 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى

2020.07.07 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ 143- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاڭ شىڭخو مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تەكشۈرۈش پرىنسىپى بويىچە، ھازىرغىچە بېيجىڭ شەھىرى بويىچە يادرو كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان ۋە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 11 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تەدبىر يۇقۇم مەنبەسىنى تېزدىن بايقاش ۋە تېزگىنلەش، تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلاش، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ