مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «ئىمتىھانغا چېتىشلىق» جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 30 نەچچىنى پاش قىلدى

2020.07.07 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىمتىھانغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل مۇلازىمەت يولىنى ئېچىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. ھازىرغىچە «ئىمتىھانغا چېتىشلىق» جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 30 نەچچىسى پاش قىلىنغان، 230 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلگەن، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سىمسىز ئۈسكۈنىلەردىن 7000 دىن ئارتۇقى يىغىۋېلىنغان.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەملىكەت بويىچە 7000 دىن ئارتۇق ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى ئامانلىق ساقلاش مۇرەككەپ سورۇنلارنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ساقچى كۈچى تەشكىللەپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خەۋپلىرىنى ۋاقتىدا تۈگەتكەن؛ 6000 دىن ئارتۇق ساقچىنى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئىمتىھان مەركەزلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزىگە ئەۋەتىپ، مائارىپ تارماقلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كىملىكنى جىددىي بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئالدىن كىملىك بېجىرىپ بەرگەن، ھازىرغا قەدەر، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 113 مىڭدىن ئارتۇق كىملىكنى جىددىي بېجىرىپ بەرگەن.

  جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى ئېنتىرنېت تورى ۋە ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان سىمسىز ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان ئىمتىھانغا چېتىشلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان. توردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا خاتا يېتەكلەش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، ج خ ئورگانلىرى توردىكى چارلاشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئالاقىدار پىتنە- ئىغۋالارنى تارقاتقان بىر تۈركۈم تور تاراتقۇلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، ئىمتىھان تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان پىتنە-ئىغۋا ئېلان قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىغان.

  جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىمتىھاننى قوغداش، ياردەم بېرىش يېشىل يولى ئېچىپ، كىملىك، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى ياكى ناچار ھاۋارايىغا ئۇچرىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە جىددىي يول ئېچىپ بەرگەن. كاشىلا كۆرۈلگەن، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا، دەرھال ساقچى چىقىرىپ تېز بىر تەرەپ قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپتوموبىل بىلەن ئالاقىلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنى يەتكۈزۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ