مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدىن 45 مىليارد 660 مىليون يۈەن چۈشۈرۈلۈپ، ئاممىۋى سەھىيە بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى

2020.07.07 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇل دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىللىق سەھىيە ساھەسىدىكى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدىن 45 مىليارد 660 مىليون يۈەن چۈشۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش پىلانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلارغا، جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ساھەلەرگە نۇقتىلىق مايىللىشىپ، ناھىيەلەرنىڭ داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىرىنچى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇلۇپ، رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، زور يۇقۇمنى داۋالاش بازىلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، بەلگىلىك مىقداردىكى قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى زاپاس ساقلاپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش يۆتكىشىگە بويسۇنۇلغان. مەبلەغ سېلىش پىلانىدا «ئاز پۇلنى كۆپ تۈرگە ئىشلىتىش» گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيە بازارلىرىنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تىرىشىپ تولۇقلىنىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ «ئورۇقلاش، ساغلاملىشىش»ى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامرات رايونلارنىڭ، بولۇپمۇ «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ۋە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىنغان.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جايلارغا مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاي بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە دۆلەت زايومى، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى قاتارلىق مەبلەغ يوللىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ مالىيە چىقىمى ۋە مەبلەغ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، داۋالاش ئىقتىدارىدا ئاق قالماسلىق، بوش قالماسلىق، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش داۋامىدا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ